• سەركار شىركىتى تاماق تىزىملىكىنى ياساشنى تور دۇنياسىدا ئومۇملاشتۇرماقچى

    سەركار پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلغان 7 يىل دىن بۇيان ئىزچىل ئۇزۇن مەزگىللىك تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە ئاشخانا ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان خېرىدارلارنىڭ تاماق تىزىملىكىنى ياسىتىش جەھەتتە ياخشى لايىھە قىلدۇرالماسلىق ، تاماقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىملىرىنى تېپىشتا قىينىلىش ، قانداق تاماق تىزىملىكلىرى ئۆزىنىڭ تىجارەت سورۇنىغا ماس كېلىشنى بىلەلمەسلىك قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس تاماق تىزىملىك لايىھەلەش ئورنى تەسىس قىلغان شۇنىڭ بىلەن بۇ ئېھتىياجىنى تىز سۈرئەتتە قامداش ھەمدە بارلىق خېرىدارىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ماس كېلىدىغان تاماق تىزىملىكلىرىنى تاللاش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش مەقسىتىدە ياساش مۇلازىمىتىنى تورلاشتۇردۇق .

  • ئىلغار بولغان تېخنىكا ، تۆۋەن باھا يۇقىرى سۇپەت

    سەركار پەن -تېخنىكا شىركىتىمىز ئەنئەنىۋى تاماق تىزىملىكى ياسىتىشتىكى تاماقنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى تۈزۈپ ۋە ئۇنىڭ رەسىملىرىنى تاللاپ ، ماسلاشتۇرۇش ، تىزىملىكنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ۋە رازمېرىغا ئاساسەن بەت تۈزەپ بېسىپ چىقىرىش غىچە بولغان ۋاقىت ئارىلىقى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ كىتىش، مەقسەتنى توغرا ئىپادىلىيەلمەسلىك ، ياسىتىدىغان ئورۇنغا بېرىپ كېلىش قاتارلىق ئاۋارىچىلىكنى يوقىتىش ، خېرىدارلار بىلەن بىرلا قېتىمدا مەقسىتىنى توغرا ئىپادىلەش ، تىز سۈرئەتتە بەت تىزىش ، يۇقىرى سۈپەتتە بېسىپ چىقىرىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەننەرخىنى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە چۈشۈرۈپ تور دۇنياسىدىكى قولايلىقلاردىن ياخشى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ خېرىدارىمىزنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ كەلدۇق .

  • مەخسۇس تاماق رەسم ئامبىرى

    ئىنتايىن مول بولغان ھەر خىل ئىسسىق سەي ، سوغۇق سەي، چاي قەھۋەلەرنىڭ رەسىم ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ ، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشخانىسىغا ماس كەلگەن ھەرقانداق تاماقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك رەسىملىرىنى تاللىيالايسىز

  • بىرلا كۇنۇپكا بىلەن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تاماق تىزىملىكىگە ئىرىشەلەيسىز

    ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى ۋە ياقتۇرىدىغان تاماق تىزىملىكلىرىنى كۆرۈپ ۋە ئۇنىڭ تاماق تىزىلىشىگە ئاساسەن ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى تاماق تىزىملىكلىرىنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن زاكاز چۈشۈرسىڭىزلا بىز تىز سۈرئەتتە سىزگە يۇقىرى سۈپەتتە بېسىلىپ چىقىلغان ئېسىل تاماق تىزىملىكىنى سىزگە تاپشۇرۇپ بىرىمىز .